﻿يەرەمىيانيڭ يىغا-زارلىرى.
3.
|א| (ئالەف) مەن ئۇنىڭ غەزەپ تايىقىنى يەپ جەبىر-زۇلۇم كۆرگەن ئادەمدۇرمەن. 
مېنى ئۇ ھەيدىۋەتتى، نۇرغا ئەمەس، بەلكى قاراڭغۇلۇققا ماڭدۇردى؛ 
بەرھەق، ئۇ كۈن بويى قولىنى ماڭا قايتا-قايتا ھۇجۇم قىلدۇردى؛ 
|ב| (بەت) ئەتلىرىمنى ۋە تېرىلىرىمنى قاقشال قىلىۋەتتى، سۆڭەكلىرىمنى سۇندۇرۇۋەتتى. 
ئۇ ماڭا مۇھاسىرە قۇردى، ئۆت سۈيى ۋە جاپا بىلەن مېنى قاپسىۋالدى. 
ئۇ مېنى ئۆلگىلى ئۇزۇن بولغانلاردەك قاپقاراڭغۇ جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر قىلدى. 
|ג| (گىمەل) ئۇ مېنى چىقالمايدىغان قىلىپ چىتلاپ قورشىۋالدى؛ زەنجىرىمنى ئېغىر قىلدى. 
مەن ۋارقىراپ نىدا قىلساممۇ، ئۇ دۇئايىمنى ھېچ ئىشتىمىدى. 
ئۇ يوللىرىمنى جىپسىلاشقان تاش تام بىلەن توسۇۋالدى، چىغىر يوللىرىمنى ئەگرى-توقاي قىلىۋەتتى. 
|ד| (دالەت) ئۇ ماڭا پايلاپ ياتقان ئېيىقتەك، پىستىرمىدا ياتقان شىردەكتۇر. 
مېنى يوللىرىمدىن بۇراپ تىتما-تىتما قىلدى؛ مېنى تۈگەشتۈردى. 
ئۇ ئوقياسىنى كېرىپ، مېنى ئوقىنىڭ قارىسى قىلدى. 
|ה| (خې) ئوقدېنىدىكى ئوقلارنى بۆرەكلىرىمگە سانجىتقۇزدى. 
مەن ئۆز خەلقىمگە رەسۋا ئوبيېكتى، كۈن بويى ئۇلارنىڭ مەسخىرە ناخشىسىنىڭ نىشانى بولدۇم. 
ئۇ ماڭا زەردابنى تويغۇچە يۇتقۇزۇپ، كەكرە سۈيىنى تويغۇچە ئىچكۈزدى. 
|ו| (ۋاۋ) ئۇ چىشلىرىمنى شېغىل تاشلار بىلەن چېقىۋەتتى، مېنى كۈللەردە تۈگۈلدۈردى؛ 
جېنىم تىنچ-خاتىرجەملىكتىن يىراقلاشتۇرۇلدى؛ ئارامبەخشنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتتىم. 
مەن: «دەرمانىم قالمىدى، پەرۋەردىگاردىن ئۈمىدىم قالمىدى» ــ دېدىم. 
|ז| (زائىن) مېنىڭ خار قىلىنغانلىرىمنى، سەرگەردان بولغانلىرىمنى، ئەمەن ۋە ئۆت سۈيىنى يەپ-ئىچكىنىمنى ئېسىڭگە كەلتۈرگەيسەن! 
جېنىم بۇلارنى ھەردائىم ئەسلەۋاتىدۇ، يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولماقتا. 
لېكىن شۇنى كۆڭلۈمگە كەلتۈرۈپ ئەسلەيمەنكى، شۇنىڭ بىلەن ئۈمىد قايتىدىن يانىدۇ، ــ 
|ח| (خەت) مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرى! شۇڭا بىز تۈگەشمىدۇق؛ چۈنكى ئۇنىڭ رەھىمدىللىقلىرىنىڭ ئايىغى يوقتۇر؛    
ئۇلار ھەر سەھەردە يېڭىلىنىدۇ؛ سېنىڭ ھەقىقەت-سادىقلىقىڭ تولىمۇ مولدۇر! 
ئۆز-ئۆزۈمگە: «پەرۋەردىگار مېنىڭ نېسىۋەمدۇر؛ شۇڭا مەن ئۇنىڭغا ئۈمىد باغلايمەن» ــ دەيمەن. 
|ט| (تەت) پەرۋەردىگار ئۆزىنى كۈتكەنلەرگە، ئۆزىنى ئىزدىگەن جان ئىگىسىگە مېھرىباندۇر؛ 
پەرۋەردىگارنىڭ نىجاتىنى كۈتۈش، ئۇنى سۈكۈت ئىچىدە كۈتۈش ياخشىدۇر. 
ئادەمنىڭ ياش ۋاقتىدا بويۇنتۇرۇقنى كۆتۈرۈشى ياخشىدۇر. 
|י| (يود) ئۇ يېگانە بولۇپ سۈكۈت قىلىپ ئولتۇرسۇن؛ چۈنكى رەب بۇنى ئۇنىڭغا يۈكلىدى. 
يۈزىنى توپا-تۇپراققا تەگكۈزسۇن، ــ ئېھتىمال، ئۈمىد بولۇپ قالار؟    
مەڭزىنى ئۇرغۇچىغا تۇتۇپ بەرسۇن؛ تىل-ئاھانەتلەرنى تويغۇچە ئىشىتسۇن! 
|כ| (كاف) چۈنكى رەب ئەبەدىل-ئەبەد ئىنساندىن ۋاز كەچمەيدۇ؛ 
ئازار بەرگەن بولسىمۇ، ئۆزگەرمەس مېھرىبانلىقلىرىنىڭ موللۇقى بىلەن ئىچىنى ئاغرىتىدۇ؛ 
چۈنكى ئۇ ئىنسان بالىلىرىنى خار قىلىشنى ياكى ئازابلاشنى خالىغان ئەمەستۇر. 
|ל| (لامەد) يەر يۈزىدىكى بارلىق ئەسىرلەرنى ئاياغ ئاستىدا يانجىشقا، 
ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئالدىدا ئادەمنى ئۆز ھەققىدىن مەھرۇم قىلىشقا، 
ئىنسانغا ئۆز دەۋاسىدا ئۇۋال قىلىشقا، ــ رەب بۇلارنىڭ ھەممىسىگە گۇۋاھچى ئەمەسمۇ؟ 
|מ| (مەم) رەب ئۇنى بۇيرۇمىغان بولسا، كىم دېگىنىنى ئەمەلگە ئاشۇرالىسۇن؟ 
كۈلپەتلەر بولسۇن، بەخت-سائادەت بولسۇن، ھەممىسى ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئاغزىدىن كەلگەن ئەمەسمۇ؟ 
ئەمدى تىرىك بىر ئىنسان نېمە دەپ ئاغرىنىدۇ، ئادەم بالىسى گۇناھلىرىنىڭ جازاسىدىن نېمە دەپ ۋايسايدۇ؟ 
|נ| (نۇن) يوللىرىمىزنى تەكشۈرۈپ سىناپ بىلەيلى، پەرۋەردىگارنىڭ يېنىغا يەنە قايتايلى؛ 
قوللىرىمىزنى كۆڭلىمىز بىلەن بىللە ئەرشتىكى تەڭرىگە كۆتۈرەيلى! 
بىز ئىتائەتسىزلىك قىلىپ سەندىن يۈز ئۆرىدۇق؛ سەن كەچۈرۈم قىلمىدىڭ. 
|ס| (سامەق) سەن ئۆزۈڭنى غەزەپ بىلەن قاپلاپ، بىزنى قوغلىدىڭ؛ سەن ئۆلتۈردۈڭ، ھېچ رەھىم قىلمىدىڭ. 
سەن ئۆزۈڭنى بۇلۇت بىلەن قاپلىغانسەنكى، دۇئا-تىلاۋەت ئۇنىڭدىن ھېچ ئۆتەلمەس. 
سەن بىزنى خەلقلەر ئارىسىدا داشقال ۋە نىجاسەت قىلدىڭ. 
|פ| (پې) بارلىق دۈشمەنلىرىمىز بىزگە قاراپ ئاغزىنى يوغان ئېچىپ مازاق قىلدى؛ 
ئۈستىمىزگە چۈشتى ئالاقزادىلىك ۋە ئورا-تۇزاق، ۋەيرانچىلىق ھەم ھالاكەت. 
خەلقىمنىڭ قىزى نابۇت بولغىنى ئۈچۈن، كۆزۈمدىن ياشلار ئۆستەڭ بولۇپ ئاقماقتا. 
|ע| (ئايىن) كۆزۈم ياشلارنى ئۈزۈلمەي تۆكۈۋاتىدۇ، ئۇلار ھېچ توختىيالمايدۇ، 
تاكى پەرۋەردىگار ئاسمانلاردىن تۆۋەنگە نەزەر سېلىپ ھالىمىزغا قارىغۇچە. 
مېنىڭ كۆزۈم روھىمغا ئازاب يەتكۈزمەكتە، شەھىرىمنىڭ بارلىق قىزلىرىنىڭ ھالى تۈپەيلىدىن. 
|צ| (تسادە) ماڭا سەۋەبسىز دۈشمەن بولغانلار، مېنى قۇشتەك ھەدەپ ئوۋلاپ كەلدى. 
ئۇلار ئورىدا جېنىمنى ئۈزمەكچى بولۇپ، ئۈستۈمگە تاشنى چۆرىدى. 
سۇلار بېشىمدىن تېشىپ ئاقتى؛ مەن: «ئۈزۈپ تاشلاندىم!» ــ دېدىم. 
|ק| (كوف) ھاڭنىڭ تۈۋلىرىدىن نامىڭنى چاقىرىپ نىدا قىلدىم، ئى پەرۋەردىگار؛ 
سەن ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭ؛ قۇتۇلدۇرۇشقا نىدايىمغا قۇلىقىڭنى يوپۇرۇۋالمىغىن! 
ساڭا نىدا قىلغان كۈنىدە ماڭا يېقىن كەلدىڭ، «قورقما» ــ دېدىڭ. 
|ר| (رەش) ئى رەب، جېنىمنىڭ دەۋاسىنى ئۆزۈڭ سورىدىڭ؛ سەن ماڭا ھەمجەمەت بولۇپ ھاياتىمنى قۇتقۇزدۇڭ. 
ئى پەرۋەردىگار، ماڭا بولغان ئۇۋاللىقنى كۆردۈڭسەن؛ مەن ئۈچۈن ھۆكۈم چىقارغايسەن؛ 
سەن ئۇلارنىڭ ماڭا قىلغان بارلىق ئۆچمەنلىكلىرىنى، بارلىق قەستلىرىنى كۆردۇڭسەن. 
|ש| (شىين) ئى پەرۋەردىگار، ئۇلارنىڭ ئاھانەتلىرىنى، مېنى بارلىق قەستلىگەنلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن، 
ماڭا قارشى تۇرغانلارنىڭ شىۋىرلاشلىرىنى، ئۇلارنىڭ كۈن بويى كەينىمدىن كۇسۇر-كۇسۇر قىلىشقانلىرىنى ئاڭلىدىڭسەن. 
ئولتۇرغانلىرىدا، تۇرغانلىرىدا ئۇلارغا قارىغايسەن! مەن ئۇلارنىڭ مەسخىرە ناخشىسى بولدۇم. 
|ת| (تاۋ) ئۇلارنىڭ قوللىرى قىلغانلىرى بويىچە، ئى پەرۋەردىگار، بېشىغا جازا ياندۇرغايسەن؛ 
ئۇلارنىڭ كۆڭۈللىرىنى كاج قىلغايسەن! بۇ سېنىڭ ئۇلارغا چۈشىدىغان لەنىتىڭ بولىدۇ! 
غەزەپ بىلەن ئۇلارنى قوغلىغايسەن، ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئاسمانلىرى ئاستىدىن يوقاتقايسەن! 
