﻿زەبۇر.
149.
ھەمدۇسانا! پەرۋەردىگارغا ئاتاپ يېڭى بىر ناخشىنى ئوقۇڭلار؛ مۆمىن بەندىلەرنىڭ جامائىتىدە ئۇنىڭ مەدھىيىسىنى ئېيتىڭلار! 
ئىسرائىل ئۆز ياراتقۇچىسىدىن شادلانغاي؛ زىئون ئوغۇللىرى ئۆز پادىشاھىدىن خۇش بولغاي! 
ئۇلار ئۇنىڭ نامىنى ئۇسسۇل بىلەن مەدھىيىلىگەي؛ ئۇنىڭغا كۈيلەرنى داپ ھەم چىلتارغا تەڭشەپ ئېيتقاي! 
چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىدىن سۆيۈنەر؛ ئۇ ياۋاش مۆمىنلەرنى نىجاتلىق بىلەن بېزەيدۇ؛ 
ئۇنىڭ مۆمىن بەندىلىرى شان-شەرەپتە روھلىنىپ شاد بولغاي، ئورۇنلىرىدا يېتىپ شاد ئاۋازىنى ياڭراتقاي! 
ئاغزىدا تەڭرىگە يۈكسەك مەدھىيىلىرى بولغاي، قوللىرىدا قوش بىسلىق قىلىچ تۇتۇلغاي؛ 
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەللەر ئۈستىدىن قىساس، خەلقلەرگە جازا بەجا يۈرگۈزىدۇ؛ 
ئەللەرنىڭ پادىشاھلىرىنى زەنجىرلەر بىلەن، ئاقسۆڭەكلىرىنى تۆمۈر كىشەنلىرى بىلەن باغلايدۇ؛ 
ئۇلارنىڭ ئۈستىگە پۈتۈلگەن ھۆكۈمنى بەجا كەلتۈرىدۇ ــ ئۇنىڭ بارلىق مۆمىن بەندىلىرى مۇشۇ شەرەپكە نېسىپ بولىدۇ! ھەمدۇسانا! 
