﻿زەبۇر.
134.
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى» مانا، پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار، ئى، كېچىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئۆيىدە تۇرىدىغان، پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق قۇللىرى! 
مۇقەددەس جايدا تۇرۇپ قوللىرىڭلارنى كۆتۈرۈپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇڭلار! 
ئاسمان-زېمىننى ياراتقۇچى پەرۋەردىگار سىلەرنى زىئوندىن بەرىكەتلىگەي! 
