﻿زەبۇر.
133.
«يۇقىرىغا چىقىش ناخشىسى»؛ داۋۇت يازغان كۈي: ــ قارا، مانا، قېرىنداشلار بىرلىكتە تۇرۇش نېمىدېگەن ياخشى، نېمىدېگەن شېرىندۇر! 
ئۇ ھارۇننىڭ بېشىغا تۆكۈلۈپ، ساقىلىدىن ئاققان ئاۋۇ قىممەتلىك مايدەك، ئۇ ھارۇننىڭ ساقىلىدىن ئېقىپ، كىيىم-كېچەكنىڭ ياقىسىغا چۈشكەن قىممەتلىك مايغا ئوخشايدۇ؛ 
ئۇ يەنە ھەرمون تېغىدىكى شەبنەمنىڭ زىئون تاغلىرىغا چۈشۈشىگە ئوخشايدۇ؛ چۈنكى شۇ يەردە پەرۋەردىگار بەرىكەتنى ــ يەنى مەڭگۈلۈك ھاياتنى بۇيرۇغان! 
