﻿زەبۇر.
113.
ھەمدۇسانا! مەدھىيىلەڭلار، ئى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللىرى، پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى مەدھىيىلەڭلار! 
ھازىردىن باشلاپ، ئەبەدىلئەبەدگىچە، پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا تەشەككۈر-مەدھىيە قايتۇرۇلغاي! 
كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا، پەرۋەردىگارنىڭ نامى مەدھىيىلىنىشكە لايىقتۇر! 
پەرۋەردىگار ئەللەردىن يۇقىرى كۆتۈرۈلدى؛ شان-شەرىپى ئەرشلەردىن يۇقىرىدۇر. 
كىممۇ پەرۋەردىگار خۇدايىمىزغا تەڭ بولالىسۇن ــ ئۆز ماكانى يۇقىرىدا بولسىمۇ، 
ئاسمانلارغا ھەم يەرگە قاراش ئۈچۈن، ئۆزىنى تۆۋەن قىلغۇچىغا؟ 
نامرات كىشىنى ئۇ توپا-چاڭدىن كۆتۈرىدۇ؛ قىغلىقتىن يوقسۇلنى يۇقىرىلىتىدۇ؛ 
ئۇنى ئېسىلزادىلەر قاتارىغا، يەنى ئۆز خەلقىنىڭ ئېسىلزادىلىرى ئارىسىغا ئولتۇرغۇزىدۇ؛ 
ئۇ تۇغماس ئايالنى ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇنى ئوغۇللارنىڭ خۇشال ئانىسى قىلىدۇ. ھەمدۇسانا! 
