﻿زەبۇر.
87.
كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي-ناخشا: ــ ئۇنىڭ ئۇلى بولسا مۇقەددەس تاغلاردىدۇر. 
پەرۋەردىگار ئەۋزلك كۆرەر ياقۇپنىڭ بارلىق جايلىرىدىنمۇ، پەقەتلا زىئون دەرۋازىلىرىنى؛ 
شەرىپىڭگە ئۇلۇغ ئىشلار ئېيتىلماقتا، ئى خۇدانىڭ شەھىرى! سېلاھ. 
«راھاب ۋە بابىللىقلار باردۇر مېنى تونۇغانلار ئارىسىدا؛ فىلىستىيەلىك، تۇر بىلەن ئېفىئوپىيەلىق شۇ قاتاردا» ــ دەيمەن؛ بۇ ئادەم تۇغۇلغاندۇر شۇ يەردە. 
بەرھەق، زىئون توغرۇلۇق شۇنداق ئېيتىلار: ــ «بۇ ئادەم، پالانچى-پوكۇنچى ئۇنىڭدا تۇغۇلغان، ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئۆزى ئۇنى مۇستەھكەملەيدۇ». 
خەلق-قوۋملارنى خاتىرىلىگىنىدە پەرۋەردىگار: ــ «بۇ كىشى بۇ يەردە تۇغۇلغان» ــ دەپ ئالاھىدە خاتىرىگە يېزىپ قويىدۇ. سېلاھ.    
ناخشىچىلار، ئۇسسۇلچىلار شۇنى تەڭ ئېيتىدۇ: ــ «مېنىڭ بارلىق بۇلاق-مەنبەلىرىم سېنىڭدىدۇر!» 
