﻿زەبۇر.
85.
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ ئوقۇلسۇن دەپ، كوراھنىڭ ئوغۇللىرى ئۈچۈن يېزىلغان كۈي: ــ سەن ئۆز زېمىنىڭغا ئىلتىپات كۆرسىتىپ، ياقۇپنى سۈرگۈنلۈكتىن قايتۇرغانىدىڭ، ئى پەرۋەردىگار. 
خەلقىڭنىڭ قەبىھلىكىنى كەچۈرۈم قىلىپ، بارلىق گۇناھلىرىنى ياپقانىدىڭ. سېلاھ. 
سەن پۈتۈن قەھرىڭنى ئىچىڭدە ساخلاپ، غەزىپىڭنىڭ ئەشەددىيلىكىدىن يانغانىدىڭسەن. 
ئەمدى بىزنى ئۆز يېنىڭغا قايتۇرغايسەن، ئى نىجاتلىقىمىز بولغان خۇدا! بىزگە بولغان ئاچچىقىڭغا ھاي بەرگەيسەن! 
سەن بىزگە ئەبەدىي غەزەپلىنەمسەن؟ ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە غەزىپىڭنى سوزامسەن؟ 
خەلقىڭ ئۆزۈڭدىن شادلىنىشى ئۈچۈن، بىزنى قايتىدىن يېڭىلىمامسەن؟ 
بىزگە ئۆزگەرمەس مۇھەببىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن، ئى پەرۋەردىگار، بىزگە نىجاتلىقىڭنى ئاتا قىلغايسەن! 
نېمىلەرنى دەر، تەڭرى پەرۋەردىگارىمغا قۇلاق سالاي؛ چۈنكى ئەيلەيدۇ ئۇ ئامان-ئېسەنلىكنى خەلقىگە ھەم مۆمىنلىرىگە؛ دەر ئۇلارغا قايتماڭلار ھاماقەتلىككە! 
زېمىنىمىزدا شان-شۆھرەتنىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن، دەرھەقىقەت، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىدىغانلارغا ئۇنىڭ نىجاتلىقى يېقىندۇر؛ 
ئۆزگەرمەس مۇھەببەت ۋە ھەقىقەت ئۆزئارا كۆرۈشتى؛ ھەققانىيەت ۋە ئامان-خاتىرجەملىك بىر-بىرىنى سۆيۈشتى؛    
ھەقىقەت يەردىن ئۈنۈپ چىقماقتا، ھەققانىيەت ئەرشلەردىن قارايدۇ. 
پەرۋەردىگارنىڭ بەرىكىتى ياغسا، زېمىنىمىزمۇ مول ھوسۇلىنى بېرەر؛ 
ھەققانىيەت يول ئاچار ئۇنىڭ ئالدىدا، ئۇنىڭ قەدەملىرىگە يول ھازىرلايدۇ! 
