﻿زەبۇر.
82.
ئاساف يازغان كۈي: ــ خۇدا ئۆز ئىلاھىي مەجلىسىدە تۇرۇپ، ئۇ ئىلاھلار ھەككىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ؛ 
ــ قاچانغىچە سىلەر ناھەق ھۆكۈم چىقىرىسىلەر، قاچانغىچە رەزىللەرگە يۈز-خاتىرە قىلىسىلەر؟ سېلاھ. 
گادايلار ۋە يېتىم-يېسىرلارنىڭ دەۋاسىنى سوراڭلار، ئېزىلگەنلەر ھەم ھاجەتمەنلەرگە ئادالەتنى كۆرسىتىڭلار؛ 
مىسكىنلەر ھەم نامراتلارنى قۇتقۇزۇڭلار، ئۇلارنى رەزىللەرنىڭ چاڭگىلىدىن ئازاد قىلىڭلار! 
نادان ۋە بىلىمىسىزدۇر ئۇلارنىڭ ھەممىسى؛ يۈرمەر ئۇلار زۇلمەت ئارا، تەۋرەر زېمىننىڭ ئۇللىرى. 
مەن ئېيتارمەن: ــ «سىلەر ئىلاھلارسىلەر، ھەممىڭلار ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ ئوغۇللىرى سىلەر؛ 
شۇنداق بولسىمۇ سىلەر ئىنسانغا ئوخشاش ئۆلىسىلەر، ھەرقانداق ئەمىر-بەگكە ئوخشاشلا يىقىلىسىلەر». 
ــ تۇرغىن، ئى خۇدا، يەر-يۈزىنى سوراق قىلغايسەن! چۈنكى سەن بارلىق ئەللەرگە ۋارىس بولغۇچىسەن!    
