﻿زەبۇر.
70.
نەغمىچىلەرنىڭ بېشىغا تاپشۇرۇلۇپ، «ئەسلىتىش ئۈچۈن» ئوقۇلسۇن دەپ، داۋۇت يازغان كۈي: ــ پەرۋەردىگار، مېنى قۇتقۇزۇشقا ئالدىرىغايسەن! پەرۋەردىگار، تېز كېلىپ ماڭا ياردەم قىلغايسەن! 
مېنىڭ جېنىمنى ئىزدەۋاتقانلار يەرگە قارىتىلىپ رەسۋا قىلىنسۇن؛ مېنىڭ زىيىنىمدىن خۇرسەن بولغانلار كەينىگە ياندۇرۇلۇپ شەرمەندە بولغاي. 
مېنى: ــ «ۋاھ! ۋاھ!» دەپ مەسخىرە قىلغانلار ئۆز شەرمەندىلىكىدىن كەينىگە يانغاي! 
بىراق سېنى ئىزدىگۈچىلەرنىڭ ھەممىسى سەندە شادلىنىپ خۇشال بولغاي! نىجاتلىقىڭنى سۆيگەنلەر ھەمىشە: «خۇدا ئۇلۇغلانسۇن» دېيىشكەي. 
بىراق مەن ئېزىلگەنمەن، ھەم يوقسۇلمەن؛ يېنىمغا تېزدىن كەل، ئى خۇدا! سەن مېنىڭ ياردەمچىم، مېنىڭ ئازاد قىلغۇچىم؛ ئى پەرۋەردىگار، كېچىكمەي كەلگەيسەن! 
